باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق «دۆلەتلىك ئىمتىھان»دا 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى

2017.10.30 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئۆكتەبىر، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2018-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ خادىم قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدىكەن، بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىشقا 120دىن ئارتۇق مەركەز ئورگىنى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇن قاتنىشىدىغان بولۇپ، پىلان بويىچە 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشتا ئاساسلىقى توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن، تىزىملىتىش ۋاقتى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولىدىكەن. ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 10- كۈنى مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە قىسمەن چوڭراق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدىكەن.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 29- كۈنىدىن كېيىن، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا 2018-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى (http://bm.scs.gov.cn/2018)دىن ئىمتىھان ئۇقتۇرۇشى، ئىمتىھان ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى، تىزىملىتىش قوللانمىسى، ئىمتىھان پىروگراممىسى، سىياسەت، قانۇن-نىزام قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى رەسمىي بايانات ئېـلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا ئىمتىھان كونسۇلتاتسىيە كىتابى بەلگىلەنمىگەنلىكى، ئىمتىھانغا يېتەكچىلىك قىلىش كۇرسى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى ھەمدە ھەرقانداق ئاپپاراتقا كۇرس ئۆتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

  نۆۋەتتە، جەمئىيەتتە كۆرۈلگەن مەمۇرلار ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش گۇرۇپپىسى، ئىمتىھان دەرسلىك تەھرىر ھەيئىتى، مەركەزنىڭ مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى ھوقۇق بەرگەن دېگەندەك ناملار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەمۇرلار ئىمتىھانىغا ئائىت كونسۇلتاتسىيە سىنىپى، يېتەكچىلىك قىلىش تور بېكەتلىرى ياكى تارقىتىلغان نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئىمتىھان بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ھەرگىز ئالدىنىپ قالماسلىقى ئەسكەرتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر