باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى

2017.10.13 15:47   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى

  سۈرەتتە: 12-ئۆكتەبىر، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان ب د ت مائارىپ-پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابىنىڭ سىرتقى مەنزىرىسى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 12-چېسلا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالاقىدار ماددىلارغا ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى 2018-يىلى 12- ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا: ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىشى ئاساسلىقى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن قەرز پۇل، ئاپپاراتلارنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىش زۆرۈر بولۇش ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ «ئىسرائىلىيەگە بولغان ئىزچىل بىر تەرەپلىمە قارىشى»نى كۆزدە تۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېيىلدى.

  2011-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى يىغىنىدا، پەلەستىننىڭ ئەزا دۆلەت سالاھىيىتىدە بۇ تەشكىلاتقا كىرىش تەكلىپى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشنى توختاتتى. زور سوممىلىق بەدەل پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش سەۋەبىدىن، مائارىپ - پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2013-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. مائارىپ-پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەزالىق بەدەل پۇلى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئومۇمىي خام چوتىنىڭ %22ىنى ئىگىلەيدىكەن. بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغانغا قەدەر، ئامېرىكىنىڭ كەينىگە سۆرىگەن ئەزالىق بەدەل پۇلى جەمئىي 220 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنى ئېغىر مالىيە قىيىنچىلىقىدا قويغان.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن تۇنجى قېتىم چېكىنىپ چىقىشى ئەمەس. 1984-يىلى، ئامېرىكا رېگان ھۆكۈمىتى ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا چىرىكلىك ۋە باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، دەپ ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاپپاراتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. تاكى 2003-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكا مەزكۇر تەشكىلاتقا قايتىپ كەلدى.

  ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1946-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى