باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك باھاسى بىر تۇتاش ھەر كىلوۋات سائىتى 0.39 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى

2017.10.12 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك باھاسى بىر تۇتاش ھەر كىلوۋات سائىتى 0.39 يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن، كۆپ تاپشۇرۇلغان توك پۇلى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يېقىندا چۈشۈرگەن ھۆججىتىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇ قېتىملىق تەڭشەش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئابونتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ئەمەلىي تەڭشەلگەن توك باھاسى بويىچە 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى توك ئىشلىتىش مىقدارىنى ھېسابلاپ، تولۇقلىما توك ھەققى بويىچە كېچىكتۈرۈپ تەڭشەش پەيدا قىلغان توك ھەققى پەرقىنى ھېسابلاپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ. پىرىنسىپ بويىچە ئېيتقاندا، كۆپ تاپشۇرۇلغان توك پۇلى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتۇرۇپ بېرىش ۋاقتىدا ئورۇندالمىسا، چوقۇم 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆستۈرۈپ، توك سائىتىنى ئائىلىلەرگىچە ئۆزگەرتىپ ئورنىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئارىلىقتىكى توكنى يۆتكەپ تەمىنلەش ئورۇنلىرى (مەھەللە رايونلىرى خوجىلىق ئورۇنلىرى)دىن توك ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن «تۆتنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۇندىن باشقا، ھۆججەتتە يەنە ئارىلىقتىكى يۆتكەپ توك بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلىرىنىڭ ھەق يىغىشىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، ئۈرۈمچى شەھىرى، كۈيتۇن شەھىرىنىڭ «تۆتنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش»تىكى توكنى يۆتكەپ تەمىنلەشتە ھەق قوشۇش سىياسىتىنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى.ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك باھاسى چۈشۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توك ھەققى ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى 0.455 يۈەندىن 0.625 يۈەنگىچە بولۇپ، توك باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، توكنىڭ باھاسى ھەر بىر كىلوۋات سائەتتە 0.1634 يۈەن چۈشكەن. بۇنداق بولغاندا مۆلچەر بويىچە، ھەر يىلى شىنجاڭدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش خىراجىتى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن يەڭگىللەيدىكەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئائىلىنىڭ توك ئىشلىتىش ھەققى ھەر يىلى 190 يۈەن تېجەپ قېلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر