باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقى ئېشىپ، تەڭ تۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇقنى قوغداش ئۈنۈمى ئاشتى

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا «بىرىكمە مۇشت» بىلەن زەربە بېرىلدى (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

2017.10.12 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆزەك كەسپىنىڭ دۆلەت ھالقىغان چوڭ سودىگىرى ئامېرىكا «كۇئالكوم» شىركىتى يېقىندا گۈيجۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ، 1 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يۇقىرى تېرمىناللىق مۇلازىمەتچى ئۆزەك تەتقىقات شېرىك شىركىتى قۇردى ۋە گۈيجۇدا پاي كونترول شىركىتى قۇرۇپ، جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىش كەسپىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى قارار قىلدى.

  نېمىشقا جۇڭگوغا كېلىپ شىركەت قۇرغانلىقىنى سورىغاندا، «كۇئالكوم» شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش لىدىرى مارك سنېيدېر: «جۇڭگو يولغا قويغان بىلىم مۈلۈك ئىستراتېگىيەسىدىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۇق»، دېدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتتى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى؛ يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتتى.

  دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش باشتىن-ئاخىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، بىر قاتار مۇناسىپ تەدبىرلەر داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر