باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋىزا مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

2017.10.11 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 9- ئۆكتەبىر، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى غەيرىي كۆچمەنلەر ۋىزىسى مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى «كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ»، دېدى.

  تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەردوغان ئۇكرائىنادىكى زىيارەت مەزگىلىدە ئېچىلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا، يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈرگەن. ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ قىلمىشىغا باراۋەر ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

  خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9- ئۆكتەبىر، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارىنى چاقىرتىپ، غەيرىي كۆچمەنلەر ۋىزىسى مۇلازىمىتىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، «تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ئادىل بولمىغان مۇئامىلىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

  ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 8-ئۆكتەبىر، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ تۈركىيەدىكى بارلىق غەيرىي كۆچمەنلەر ۋىزىسى مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ ئارقىدىن يەنە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر