10-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا، 2017-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس رىچارد سايلىرنىڭ سۈرىتى ئېكراندا كۆرگەزمە قىلىندى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 9-ئۆكتەبىر، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس رىچارد سايلىرنىڭ ھەرىكەت ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىگە قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 2017-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دائىمىي كاتىپى گولان خانسون شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقى مۇكاپات كىمگە تەۋە بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى ئىقتىساد پىسخولوگىيەسىنى چۈشىنىش توغرىسىدا بولدى». نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى پېتېر گاردېنفوز: «سايلىر ئىقتىسادىي تەھلىلنى ئىنسان خاراكتېرىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلدى، ئۇنىڭ نەزەرىيەسى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىقتىسادىي تەدبىر بەلگىلىشىگە ياردەم قىلالايدۇ»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى