خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو پۇل ياساش باش شىركىتىنىڭ ئالىي ھۈنەر- سەنئەت ئۇستىسى لو يوڭخۇي (ئوڭدىن 2-كىشى) كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا كۆرۈرمەنلەرگە تەڭگە قېلىپى ئىشلەش ھۈنەر-سەنئىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.
يېقىندا، جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل ئالتۇن-كۈمۈش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو پۇل ياساش باش شىركىتى ئۈستىگە ئالغان «دۆلەت پۇلىنىڭ ۋەكىلى، سەنئەت گۈزەللىكى» − خەلق پۇلى مېتال پۇلى تارقىتىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك سەييارە كۆرگەزمىسى شاڭخەي كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 1- كۈنى خەلق پۇلىنىڭ تەڭگە پۇلى رەسمىي تارقىتىلغاندىن باشلاپ، تارقىتىلغان ئوبوروتتىكى تۆت يۈرۈش تەڭگە پۇل، 96 تۈرلۈك — 108 دانە ئادەتتىكى خاتىرە پۇلى ۋە 2000 خىلدىن ئارتۇق قىممەتلىك مېتال خاتىرە پۇل نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى