خەلق تورى خەۋىرى: يېقىنقى بىر قانچە كۈندە جياڭسۇ نەنجىڭ شەھىرىدىكى «دۆلەت بايرىقى» باش تېمىسىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار شەھەر ئاھالىسىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتتى. كۆپچىلىك ئاپتوبۇسلارغا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغانلىقىنى، ئاپتوبۇس ماڭغاندا بايراقلارنىڭ لەپىلدەپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى يولۇچىلارغا يەنە دۆلەت بايرىقى سوۋغا قىلىپ، يولۇچىلار بىلەن بىرگە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن. بۇ خىل تەبرىكلەش ئۇسۇلى شەھەر ئاھالىسىنى خۇشال قىلغان.