شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 6-ئۆكتەبىر، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈرۈمچىگە داۋاملىق تەسىر كۆرسەتتى، ئاساسىي شەھەر رايونى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى، تېمپېراتۇرا℃1 ئەتراپىدا بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يامغۇر 7-ئۆكتەبىر ئاخىرلىشىدىكەن، ئەمما تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۈردە تۆۋەنلەپ، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئاساسىي شەھەر رايونىدا تېمپېراتۇرا℃0 تىن تۆۋەن بولىدىكەن.