- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ روسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
2017.10.10 16:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ روسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، روسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشىگە پائال تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو-روسىيە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق». ھازىر جۇڭگو-روسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. روسىيە-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى بىر-بىرىگە باغلاش، ئەلرايىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستېراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر