باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت تارقىتىپ، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋەكىللىرىنىڭ دورا سېتىشىنى مەنئى قىلدى

2017.10.10 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگوڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «باھالاش، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋەكىللىرىنىڭ دورا سېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋەكىللىرى ياكى ئالاقىدار كارخانا خادىملىرىنى دوختۇرلار شەخسىي يېزىپ بەرگەن دورا رېتسېپى سانى بىلەن تەمىنلەش مەنئى قىلىنىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دورىلارنى بازارغا سېلىش ئىجازىتى ئالغانلار چوقۇم داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى يېمەكلىك- دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن تور بېكەتتە ئەنگە ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك. داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋەكىللىرى دورىلارنى ئىلمىي ئومۇملاشتۇرۇش، تېببىي خادىملارغا دورا بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش، كىلىنكىدا ئىشلىتىش پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا مەسئۇل. داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋەكىللىرىنىڭ ئىلمىي ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشى، داۋالاش ئاپپاراتى بېكىتكەن تارماققا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋەكىللىرى دوختۇرلارنى دورىنى خاتا ئىشلىتىشكە ئازدۇرسا ياكى دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى يوشۇرسا، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ۋەكىللىرى نامىدا دورا تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلار قانۇنسىز دورا تىجارىتى قىلغانلار بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ جېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان پىكىر دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا نەزەر سېلىنغان مۇھىم بىر پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر