باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى 11-ئۆكتەبىر ئېچىلىدۇ

2017.10.10 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى (http://19th.cpcnews.cn) ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى (نامى: 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى، ئۈندىدار نومۇرى: cpcnews19th) 11-ئۆكتەبىر ئېچىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى، يېڭىلىقلىرى، ئېلان، ئۇقتۇرۇش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى ھەمدە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار، ئىلگىرىكى پارتىيە قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى، پارتىيە نەزەرىيە بىلىملىرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى يەنە ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق ئاخبارات مەركىزىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت مەزمۇنلىرى ۋە تەدبىرلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر