باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت نۆلدە رەسمىي ئېچىلىدۇ

خەلق تورى — ج ك پ ئاخبارات تورى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۈستىگە ئالدى

2017.10.10 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن مەملىكەت خەلقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى (http://19th.cpcnews.cn) ۋە ئۈندىدار سالونى (ئۈندىدار نومۇرى: cpcnews19th) 10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت نۆلدە رەسمىي ئېچىلىدۇ.

  19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار سالونىنى خەلق تورى — ج ك پ ئاخبارات تورى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ ھەم خەلق تورىنىڭ 17-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى، 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرغاندىن كېيىن، ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىشى بولۇپ قالدى.

  خەلق تورى 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتىنى لايىھىلەشتە، 17-قۇرۇلتاي، 18-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتىنى ئىشلەش تەجرىبىلىرى خۇلاسىلەنگەن ئاساستا، يېڭى تاراتقۇ دەۋرىدىكى تارقىتىلىش ئالاھىدىلىكىنى بىرىكتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن تاراتقۇلاردا كۆپ تېرمىنال بويىچە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نىشانغا يېتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى خەنزۇچە نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم PC ئۇچى (شەخسى كومپيۇتېر) ھەمدە يانفون ئۇچىغا ماسلاشتۇرۇلغان. تور بېكەتنىڭ لايىھەلىنىشى ئاددى ۋە رەتلىك بولۇپ، قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئۇچۇرلار مول، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە. تور بېكەت يىغىنغا ئالاقىدار ھالەت خەۋەرلىرى، ئاخبارات مەركىزى زىيارەت ئېلانى، ئۇقتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ خەۋەر بېرىدۇ. كەڭ مۇخبىرلارنى زىيارەت قىلىش قوللانمىسى بىلەن تەمىنلەش، ھاۋا رايى، رادىيو-تېلېۋىزىيە سىگنالىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئابونتلار تور بېكەت ئارقىلىق يەنە 19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەكشۈرەلەيدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات، قۇرۇلۇش تەرەققىيات نەتىجىلىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى چۈشىنەلەيدۇ ھەمدە ئورگان تەرەپ سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلىنىلىپ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە قولايلىق يارىتىلىدۇ. تور بېكىتى يانفون نۇسخىسى يان تېلېفوندا كۆرۈش ۋە ئوقۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سەرخىللاشتۇرۇلۇپ تەقسىملىنىپ، ئابونتلارنىڭ ھەر زامان، ھەر قانداق جايدا يىغىن توغرۇلۇق مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  ئورگان تەرەپ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى بۇ قېتىمقى ئاخبارات مەركىزىنىڭ يېڭىدىن قوشقان مۇلازىمەت مەزمۇنى بولۇپ، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە مەزمۇنىنى تايانچ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تور بېكەت بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئالاقىنى ئۇلاش ۋە راۋانلاشتۇرۇش، ھالەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش، تور بېكەتنى كۆچمە شەكىلدە زىيارەت قىلىش، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى سۈرۈشتە قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلار ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئارقىلىق ئاخبارات مەركىزىنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە تەدبىرلىرىنى چۈشىنەلەيدۇ.

  خەلق تورى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى، ئۈندىدار سالونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ۋە ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرىنى دەرھال ئېلان قىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسىنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، كەڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر