باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر ئىشىكىنىڭ ئالدىدىلا يانچۇقىنى تومپايتتى

2017.10.10 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىىمىز مۇختار ئابدۇقادىر، چېن شىنياۋ خەۋىرى) ئاقسۇ شەھەرىنىڭ بەشتۈگمەن يېزىسى كۆكباش كەنت 1 ـ مەھەللىسىنىڭ ئەزاسى ئارزۇگۈل مەمەت يېقىندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن 9 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كەنتىمىزنىڭ 1 ـ مەھەللىسىدىكى نەشپۈتلىك باغدا نەشپۈت ئۈزۈش، قاچىلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن، نەشپۈتلىك باغ بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىچە كېلىدۇ، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا يېرىم ئايدىن ئاشتى، ھەر كۈنى 150 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايمەن، باغنىڭ ئىگىسى چۈشلۈك بىر ۋاق تامىقىمىزنى بېرىدۇ، ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدىلا پۇل تاپقىلى بولىدىغان بۇنداق ياخشى شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپتىن كۆپ رەھمەت...!».

  كۆكباش كەنتىدىلا ئەمەس، بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ باشقا كەنتلىرىدىمۇ ئارزۇگۈل مەمەتكە ئوخشاش نەشپۈتلىك باغلاردا ئىشلەپ، ئىشىكىنىڭ ئالدىدىلا پۇل تېپىپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلار ئاز ئەمەس.

  دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەشتۈگمەن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نەشپۈتلىك باغلارنىڭ ھوسۇلىنى يىغىش خىزمىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق نەشپۈتلىك باغلارنى ھۆددىگە ئالغان ھۆددىگەرلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، نەشپۈت ئۈزۈش، قاچىلاش جەريانىدا ئادەم ئىشلەتكەندە مۈمكىن قەدەر يەرلىك دېھقانلارنى ئىشلىتىش، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يەرلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ھۆددىگەرلەرنىڭ ئەمگەك تەنەرخىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى بېكىتكەن ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ يېزىدىكى ھەرقايسى كەنتلەر ئۆز كەنتىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نەشپۈت ئۈزۈش، قاچىلاش قوشۇنى تەشكىللەپ، «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. كۆكباش كەنتىدىكى 70 تىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئۆز كەنتى تەۋەسىدىكى نەشپۈتلىك باغلاردا ئىشلەشكە تەشكىللىنىپ، يانچۇقىنى تومپايتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر