باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا

2017.10.10 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: سىدىق مىجىت، گۈزەلئاي ئېلى خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسىدىكى توڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنىڭ تاملىرىدا ئولتۇرۇشۇش، يېرىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەچكە، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى 2014-يىلى 6-ئايدا توڭگۇزباش قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى لايىھەسىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، گەنسۇ ئوتتۇرا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىگە قارىتا 4 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش تەدبىرىنى قوللانغان ئىدى. بۇ تۈر 2016- يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك پىرىنسىپى بويىچە، ئەسلىدىكى ئۆرۈلۈش، يېرىلىش ۋە باشقا ئالامەتلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىپ، قورۇلۇشنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالدى.

  توڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىسى توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسىنىڭ توڭگۇزباش دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، توقسۇ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ جاي تاڭ سۇلالىسى شىئەن باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى لەشكەرلەر مەركىزىي بارىگاھى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسى مىلادىيە 647-يىلىدىن 692-يىللارغىچە بولغان مەزگىلىدە ياسالغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 6- تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق قۆغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر