باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.10.10 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10-ئاينىڭ 9-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ۋە داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بايلىقنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى؛ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇش ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى باشقا جايدا بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى غەمدىن خالاس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە جايلار، تارماقلار ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، مىلياردلىغان ئاممىغا بەخت يارىتىپ، مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى بۇ يىل 9-ئايغىچە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىنى ساقلايدىغان، ئاكتىپچانلىقنى قوزغايدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېڭىچە ئايلىنىش مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورناتتى. دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق بېقىشنى زور كۈچ بىلەن يوقىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى تەرتىپكە سېلىپ، يولغا قويۇلغىلى 60 نەچچە يىل بولغان دورىغا پىرسەنت قوشۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دورىنىڭ دوختۇرخانا كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2010-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىكى %46.3تىن 2016-يىلىدىكى %38.1كە تۆۋەنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ساقلىق ساقلاش چىقىمىنىڭ ساقلىق ساقلاش ئومۇمىي خىراجىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2008-يىلدىكى %40.4تىن 2016-يىلىدىكى %30تىنمۇ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشتى، %65 نى ئىگىلىگەن 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق ئېلىشتەك داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلەتتى. داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، %90نى تەشكىل قىلىدىغان 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتنىشىپ، تەڭ دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، %80تىن ئارتۇق ئاھالىلەر 15 مىنۇتتىلا يېقىن ئەتراپتا كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولدى، ئاممىنىڭ سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىشى تېخىمۇ قولايلاشتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى دېيىلسە، داۋالىنىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. داۋالاش ئىسلاھاتى ھەم مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ھەم مۇھىم ئىقتىسادىي تەدبىر، چوقۇم داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر