باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاق ساراي كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

2017.10.10 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاقساراي 8-ئۆكتەبىر، ترامپ ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتقا بىر پارچە كۆچمەنلەر سىياسىتى ئىسلاھاتى تىزىملىكىنى سۇنغانلىقىنى، تىزىملىكنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، كۆچمەنلەرگە قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە يېڭى يېشىل كارتا تارقىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ تىزىملىكتە، ترامپ ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكا- مېكسىكا چېگرا تېمى سېلىش، كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىغا 10 مىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم، 1000 كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئادۋوكاتى، 370 كۆچمەنلەر ئىشلىرى سودىيەسى ۋە 300 فېدېراتسىيە تەپتىش ئەمەلدارى كۆپەيتىش، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە مەڭگۈلۈك ئاھالىلەرنىڭ جورىسى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە يېشىل كارتا بېرىشكە چەك قويۇش، «نومۇر خاتىرىلەش تۈزۈمى»دىكى كۆچمەنلەر تۈزۈمى ئورنىتىش قاتارلىقلارنى تەستىقلىشى مۇراجىئەت قىلىندى.

  تىزىملىكتە يەنە ۋىزىسىنىڭ مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە زەربە بېرىش، پاناھلىنىدىغان كىشىلەرگە چەك قويۇش ھەمدە چېگرادىن كىرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۆز ئىچىگە ئېلىندى

  قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە چەك قويۇش ترامپنىڭ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرى، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، چەت ئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەشتىكى بىر قانچە مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئىمزالاپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر