باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەۋزەل بولغاچ سىياسەت، ئاشتى كىرىم ـ دارامەت

2017.10.10 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ گېزىتى مۇخبىرى مۇختار ئابدۇقادىر خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى ئۈستۈنكى توغرائۆستەڭ كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا باراڭغا ئېلىنغان قاپاقلار بار ئىدى. 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى كەنتتە قاپاق سىزمىسى، قاپاق ئويمىچىلىق ھۈنەرـ سەنئىتى ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى، ئۆگىنىشكە كەلگەن دېھقانلار ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنەتتى .

  دېھقان ئابدۇسەمەت ئالاۋۇدۇن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ، مۇخبىر ئۇنىڭ مېھمانخانا ئۆيىگە كىرىپ، چوڭ ـ كىچىك، ھەر خىل رەڭدىكى قاپاقلارنى كۆردى، بۇنىڭ بەزىلىرىگە سىزما سىزىلغان، بەزىلىرىگە ئويما ئويۇلغان بولۇپ، تېخى پۈتمىگەن قاپاقلارمۇ بار ئىدى .

  ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆگەنگەندە، مۇئەللىم ماڭا ياخشى قىلالمىسىڭىز كېرەك يوق، تېخنىكىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن كۆپرەك مەشىق قىلسىڭىزلا، ياخشى ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز، دېگەن ئىدى. بۇرۇن بىر قاپاقنى ئاران 10 يۈەنگە ساتقىلى بولاتتى، ئەمما قاپاققا ئىش قوشۇپ، ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، 100 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ساتىدىغان بولدۇم، بۇندىن كېيىن ھۈنىرىمگە تايىنىپ يىللىق كىرىمىمنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرالايمەن .

  ئۇ مۇخبىرغا يەنە مۇنداق دېدى: ئىككى ئايلىق كۇرسقا قاتنىشىپ، دەسلەپكى ماھارەتنى ئىگىلىدىم، يەنە بىر مەزگىل مەشىق قىلسام، قاپاق ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇمىنى ياسايدىغان ئۇستامغا ئايلىنىمەن. بۇنىڭ بىلەن ئىش تېپىپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئائىلەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرالايمەن، ھازىر مېنىڭ بېيىش ئىشەنچىم زور .

  ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز دېھقانلار ھازىر ئائىلىمىزدىلا‌ پۇل تاپىدىغان ئىش قىلىپ، ھەر يىلى نۇرغۇن كىرىم قىلالايدىغان بولدۇق، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز بەكمۇ بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ !

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى بارغانچە كېڭىيىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلاندى .

  ئاۋات ناھىيەلىك سەرچىن كىيىم ـ كېچەك، كەشتىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، مۇئاۋىن كوپىراتىپ باشلىقى ئەخمەتجان ئەھەت مۇنداق دېدى: مەن بۇرۇن بىر تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچقان ئىدىم، ھۆكۈمەت مېنى يەر ۋە 150 مىڭ يۈەنلىك تىكىش ماشىنىسى بىلەن تەمىنلەپ، تىجارەتنى كېڭەيتىشىمگە ئىلھاملاندۇردى. ھازىر كوپىراتىپنىڭ يىللىق كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، ساپ پايدىسى تەخمىنەن 150 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ھەر كۈنى نۇرغۇن زاكاز تاپشۇرۇپ ئالىمىز. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كوپىراتىپىمىزدا 38 ئادەم ئىشلەيدۇ، كۈز ۋە قىشتا ئىشلەيدىغانلار 60 قا يېتىدۇ .

  20 ياشلىق رائىلە ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ئىشلەپ، ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن، بۇ يىل سىڭلىمنىمۇ بۇ يەردە ئىشلەشكە تونۇشتۇرغان ئىدىم، ھازىر ئىككىمىز بىرگە ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغاچقا، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كەتتى .

  ئەخمەتجان ئەھەت مۇنداق دېدى: ھازىر كوپىراتىپىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى، بىز يېزا مەركىزىنىڭ 300 كىۋادرات مېتىرلىق گىلەم توقۇش ۋە ئەتلەس كىيىم تىكىش زاۋۇتىدىن يەنە بىرنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. زاۋۇت پۈتكەندىن كېيىن 50 تىن 100گىچە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنتلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيمىز .

  ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ليۇ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېزىمىزدىكى 2357 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى كۆپەيتتى. گىلەم توقۇش، باغ ـ ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق قاتارلىق 17 ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەربىيەلەش بازىسىدىكى 300دىن ئارتۇق كۇرسانتنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر