خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) «جۇڭگو ئۇزۇن تالالىق پاختا يۇرتى» دەپ نامى بار ئاۋات ناھىيەسى بۇ يىل 1 مىليون 520 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 140 مىڭ مو كۆلەم ئاشقان. ئىگىلىنىشىچە، پاختىدىن قىلغان كىرىم دېھقانلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %65 نى ئىگىلەيدىكەن.
سۈرەتتە: قارىقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن ھېلىمىخان تۇرسۇن (ئوڭدا) 7- ئۆكتەبىر، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ «مول ھوسۇل» 3-دېھقانچىلىق مەيدانىدا يۇرتداشلىرى بىلەن بىرگە پاختا تەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى