خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئۆكتەبىر، ئاپتوموبىللار بورتالا ئايرودۇرۇم يولىدا يۈرمەكتە. بورتالا ئايرودۇرۇم يولى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، قۇرۇلۇش ئومۇمىي سېلىنمىسى 510 مىليون يۈەن بولۇپ، يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر 400 مېتىر، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قاتناش رەسمىي باشلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالانىڭ تاشيول تورى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە قاتناش باشلانغان تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 3283 كىلومېتىر 700 مېتىرغا يېتىپ، راۋانلىق نىسبىتى %100 بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈسۈپ غەنى فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى