ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇق باغچىسىدا تۆگە مىنىپ ساياھەت قىلماقتا (3- ئۆكتەبىر فوتوسى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىماكان قۇملۇقى، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى، قۇمتاغ قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇملۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 پارچە قۇملۇق تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا جايلاشقان. شىنجاڭ ئىلگىرى قۇملۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچان خەلق توشقان زەدىكى، چىلان، ئەتىرگۈل تېرىش، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كۆپ مەنبەلىك قۇملۇق كەسىپلىرىنى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنى بېيىشتىكى «گۆھەر زېمىن»غا ئايلاندۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى