باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئىستىقبالى پارلاق

يىلدا 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ سانى تارىختا تۇنجى قېتىم ئازلىدى

2017.10.11 16:07   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ئىستىقبالى پارلاق

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى يېڭى شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى ــــ 2013-يىلدىن 2016-يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ GDPسى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2 ئېشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى %2.5 ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ %4 بولۇشتەك ئوتتۇرىچە ئېشىش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى ــــ 2016-يىلى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 74 تىرىليون يۈەنگە يەتتى؛ بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون 90 مىليارد دوللارغا يېتىپ، داۋاملىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى شۇ كۈنى يەنە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت مىسلىسىز كۈچ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. ئالدىنقى تۆت يىلدا 55 مىليون 640 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، يىلدا ئاز دېگەندە 10 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بەش يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇ يىل جىڭگاڭشەن، لەنكاۋ ناھىيەسى ئالدى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، يەنە بىر تۈركۈم نامرات ناھىيەلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ سانى تارىختا تۇنجى قېتىم ئازلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى