باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش تەرتىپىدە زور ئۆزگىرىش بولدى

2017.10.11 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش تەرتىپىدە زور ئۆزگىرىش بولدى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش تەرتىپىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسەتتى، قاراپ چىقىش تەرتىپىنىڭ تەڭشىلىشى پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ، دوكلاتنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ماقۇللاندى.

  ئىلگىرى ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدە ئايرىم پىكىر ئېلىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ۋە بىۋاسىتە ماقۇللاپ، دوكلاتنى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇناتتى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتىنىڭ قاراپ چىقىش تەرتىپىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى: بىرىنچى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالى ئالدى بىلەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئارگىنالى، پارتىيە نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى بىلەن بىللە پارتىيە ئىچىدە پىكىر ئېلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلىدىغان ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ، ئاندىن ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېچىلىدىغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

  تەرتىپتە ئىدىيە گەۋدىلىنىپ، ئۆزگىرىشتە چوڭقۇر مەنە نامايان بولدى. قاراپ چىقىش تەرتىپىنىڭ تەڭشىلىشى پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر