باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ قىلغان 6187 كىشى جازالاندى

2017.10.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 9-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 4506سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 6187 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 4567 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 139 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 98 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

  9-ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 4506 مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسىدىن 1179ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قېلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 873ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش مەسىلىسىدىن 638ى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 599ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 570ى، نورمىدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا بېرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش مەسىلىسىدىن 274ى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسىدىن 261ى، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىدىن 112سى بار. 9-ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ پارتىيە-مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان كادىرلار ئىچىدە ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 54ى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 399ى بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر