خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، بېيجىڭ مېيدىيا مېھمانخانىسىدا تەسىس قىلىنغان 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى سىرتقا قارىتا كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي يولغا قويۇپ، 19-قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىدىغان چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇخبىرلارغا زىيارەت كىنىشكىسى تارقىتىش، زىيارەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىدى.
ئاخبارات مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، ئايرىم زىيارەت ئۆيى، يۇغۇرۇلما تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش ئۆيى، رادىيو- تېلېۋىزىيە سىگنال مۇلازىمەت ئىشخانىسى، تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى، سۈرەتلەر مۇلازىمەت ئىشخانىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلار تەسىس قىلىندى. ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرلار ئۈچۈن تەمىنلەيدىغان ئاساسىي مۇلازىمەتلىرى: ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، كوللېكتىپ زىيارەت قىلىش، ئايرىم زىيارەت قىلىش ۋە سىرتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەش، ئاخبارات ماتېرىياللىرى مۇلازىمىتى ۋە تور خەۋەرلىشىش كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئاخبارات مەركىزى تور بېكىتى ۋە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاخبارات مەركىزىدە چاي- ئىچىملىكلەرنى ھەقسىز تەمىنلەيدىغان مۇخبىرلار چاي-ئارام ئورنى ۋە ۋە غەربچە تېز تاماق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تېز تاماق ئورنى تەسىس قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى