باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2017.10.11 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى 10-ئۆكتەبىر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، تەپسىلىي، مۇكەممەل بولغان يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ ئۇچۇر سۇپىسى ھېساباتى ئورنىتىلىدۇ. جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بۇيىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ كىرگۈزۈش، تەكشۈرۈپ يۇقىرىغا يوللاش خىزمىتىنى تاماملىشى لازىم.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گاۋ شياۋبىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېچىلغان مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش، تەكشۈرۈپ يۇقىرىغا يوللاش، جەملەپ ئانالىز قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۇچۇر سىستېمىسى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ئۇچۇرلىرى سىستېمىسى، مېيىپلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى يېڭىلاش، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، بىرىكمە سۈرۈشتۈرۈش، قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش، دەرقەملىك يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچلىك سۇپا تىرىكى ۋە ئۈنۈملۈك تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، تەپسىلىي، مۇكەممەل بولغان يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار ئۇچۇرلىرى سۇپا ھېساباتى قۇرۇش، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆيدە قالغان بالىلارغا دەل جايىدا كۆڭۈل بۆلۈش، تۈجۈپىلىك يۆلەش، دەل جايىدا قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر