باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 8-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2017-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2017.10.10 18:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنى 2017-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 119 ئەزاسى قاتناشتى، 12 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن سۆز قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلدى ھەم ماقۇللاندى، ئومۇمىي يىغىن خىزمەت دوكلاتىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يولداش لى گاڭ، يولداش چۈ شۇخۈينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە يولداش ليۇ شېڭجيېنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى ھەم ماقۇللاندى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرى چىقارغان يولداش لى گاڭغا بېرىلگەن پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش جازاسى، يولداش چۈ شۇخۈيگە بېرىلگەن پارتىيەدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ سىناش جازاسى ۋە يولداش ليۇ شېڭجيېنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇش قارارى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

  (خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى)

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر