باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى

2017.10.11 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن باشلانغان، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 2017-يىلى 10- ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، ھەر كۈنى سائەت 9:00دىن 22:00گىچە ئىكەن.

  تىزىمغا ئالدۇرۇش مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىغا ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىش كىرگۈزسە ياكى تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى قايتا تولدۇرسا بولىدۇ، لېكىن بىر ئوقۇغۇچى پەقەت بىرلا ئۈنۈملۈك تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تولۇقلاپ تىزىملىتىشقا بولمايدۇ ھەمدە تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. دەسلەپكى ئىمتىھان 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئىمتىھان نۇقتىسى بولسا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملاتقان ئورۇن بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە جايلاردىكى ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئىمتىھان بەرگۈچى تاللىغان ئالىي مەكتەپنىڭ ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى ھەم نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش ئورنى، شۇنداقلا دەسلەپكى ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئورنى بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى، يەرلىك ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى پەقەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ جەزملەشتۈرۈش نۇقتىسى بولۇپ، دەسلەپكى ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى ئەمەس، ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى ياكى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نۇقتىسىنى باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر