باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەنىمۇ تىرىشىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2017.10.10 18:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-قېتىملىق «دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىزم ئەجىرىمىز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتتىق جەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىق جەڭ، چوقۇم ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت يەنىمۇ تىرىشىپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش - پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2020-يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، نامرات رايونلاردىكى كادىر ۋە ئامما ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ۋە ئۆزىگە تايىنىپ، جاپالىق ئىشلەپ ئەمەلىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەت نامراتلارنى چىن قەلبى ۋە ھەقىقىي كۈچى بىلەن يۆلىدى، دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر