خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «جۇڭگونىڭ ئەرش كۆزى» دەپ تەرىپلەنگەن ئىچكى دىئامېتىرى 500 مېتىرلىق رادىئو تېلېسكوپ (FAST) بىر يىل جىددىي تەڭشەش ئارقىلىق، يۆنىلىشنى كۆرسىتىش، ئىز قوغلاش، نىشاننى ئىزدەش قاتارلىق كۆپ خىل كۆزىتىش ئەندىزىسىدە ئوڭۇشلۇق مەشغۇلات قىلىدىغان بولدى ھەم يېڭىدىن بىر قانچە ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى بايقىدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئاسترونومىيە تېلېسكوپى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئىمپۇلس يۇلتۇزىنى بايقىشى ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى