سۈرەتتە: نىڭشيا چىڭتۇڭشيا شەھىرى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ يەر سۇغىرىش رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (11- ئۆكتەبىر تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى ۋە چىڭتوڭشيا شەھىرى بىرلىشىپ ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، نىڭشيا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ يەر سۇغىرىش قەدىمكى رايونى دۇنيا سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراس تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن، بۇ جۇڭگونىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى غول لىنىيەسىدىكى تۇنجى دۇنياۋى سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىراسى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى