باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىدىكى «جەسەت» ئاپتوموبىللار بىر تەرەپ قىلىندى

2017.10.11 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇزۇندىن بۇيان ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ ئىچىگە، تاشيول بويىغا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش يوللىرىغا توختىتىپ قويۇلغان، چاقلىرىنىڭ يېلى قېچىپ، ئۈستىنى قېلىن توپا باسقان، تاشلىنىپ قويۇلغان «جەسەت» ئاپتوموبىللار شەھەر قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە جامائەت بايلىقىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بۇلاقتاغ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى ئالدىنقى قېتىمدىكى «جەسەت» ئاپتوموبىللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئاساسىدا، «جەسەت» ئاپتوموبىللارنى يەنە بىر نۆۋەت تازىلاپ، جەمئىي 30 ئاپتوموبىلنى بىر تەرەپ قىلىپ، قېلىپلاشقان تىنچ ھالەتتىكى يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاپ، ياخشى بولغان قاتناش مۇھىتى ياراتتى.

  قاتناش ساقچىلىرى كوچىلار، مەھەللىلەرگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «جەسەت» ئاپتوموبىللارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ئېلىپ باردى. بايقالغان «جەسەت» ئاپتوموبىللارغا قارىتا، ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسى نومۇرى، موتور نومۇرى ۋە ئاپتوموبىل جازىسىنىڭ نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق «بىر ماشىنىغا بىر ئارخىپ» بولۇش بويىچە ئارخىپنى تۇرغۇزدى. «جەسەت» ئاپتوموبىللار مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلدى ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇلدى.

  قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ساقچىلار سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش ئارقىلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە پاكىتىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ ۋە تىزىملاپ ئانكىتقا ئېلىپ، كېيىن تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر