باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا شەخسىي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ كېپىللىك قەرز پۇل ئېلىش ئەڭ يۇقىرى چېكى بىر تۇتاش 100 مىڭ يۈەن قىلىپ تەڭشەلدى

كېپىللىك قەرز مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلدى

2017.10.11 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا شەخسىي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ كېپىللىك قەرز پۇل ئېلىش چېكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن قىلىپ تەڭشەلدى. كېپىللىك قەرز مۇددىتىمۇ ئەسلىدىكى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلدى.

  تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، كېپىللىك قەرز بېرىش ئوبېيكتلىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايون شەخسىي ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز بېرىش ئوبېيكتى دائىرىسىنى ئەسلىدىكى شەھەر-بازاردىكى تىزىملىتىلغان ئىشىزلار، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار، ھەربىي سەپتىن قايتقان، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىدا، تور سودىگىرى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات ئاھالىلەر، ئالىي مەلۇماتلىق كەنت ئەمەلدارى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە مېيىپلەرگىچە كېڭەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل بېرىش سىياسىتى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلاردىن باشقا يەنە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارغىمۇ تەتبىقلىنىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى ئەسلىدىكى ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا 50 مىڭ يۈەن، 80 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەن بېرىشتىن، ھەممىسىگە بىر تۇتاش ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشقا تەڭشەلگەن. كېپىللىك قەرز مۇددىتىمۇ ئەسلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلغان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت بۇ يىلنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن ئاشقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 50 مىڭ كىشىگە يېتىپ، 109 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇسۇسىي سودا-سانائەت بويىچە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 41 مىڭ 400 كىشى، ئوتتۇرا-كىچىك، مىكرو كارخانا بويىچە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 5100 كىشى، توردا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 500 كىشى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر