باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشەنچ – ئېچىۋېتىش - ئىنچىكىلىك − 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۇنجى كۈن

2017.10.12 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بېيجىڭ مېيدىيا مېھمانخانىسىدا تەسىس قىلىنغان 19- قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى 11-ئۆكتەبىر سىرتقا قارىتا كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى. چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇخبىرلار بۇ مۇھىم كۆزنەك ۋە يول ئارقىلىق يىغىن كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، يىغىن ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىدى.

  11-ئۆكتەبىر سەھەردە، 19- قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەنلا، شياڭگاڭ سىمسىز تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئايال مۇخبىرى چېن يىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ئورنىغا كېلىپ گۇۋاھنامە ئېلىپ، زىيارەت قىلىش كىنىشكىسىنى ئالغان چېگرا سىرتىدىكى تۇنجى مۇخبىر بولۇپ قالدى. ئاخبارات مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغا قەدەر، چېگرا سىرتىدىكى 1800دىن ئارتۇق مۇخبىر 19- قۇرۇلتاينى زىيارەت قىلىشقا تېزىملاتقان بولۇپ، 18-قۇرۇلتايدىكىدىن 100گە يېقىن مۇخبىر كۆپ بولغان، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن چېگرا سىرتىدىكى مۇخبىرلار بەس-بەستە تىزىمغا ئالدۇرغان.

  خەنزۇچە-ئىنگلىزچە يېزىقتىكى قىزىل رەڭلىك مۇخبىرلار زىيارەت مۇلازىمەت قوللانمىسى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر دوستلارنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئېلىش لوزۇنكىلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بەلگە تاختىسى... ئاخبارات مەركىزى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن مۇخبىرلارنى قىزغىن ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاخبارات مەركىزىدە بىر قانچە ئىقتىدار رايونى تەسىس قىلىنىپ، مۇخبىرلارنى ئاخبارات ئېلان قىلىش، سۈرەتلىك ماتېرىيال، تور مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىغا ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر