باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

C، D، G ھەرپلىرى باش ھەرپ قىلىنغان دىنامىكىلىق پويىزلار ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ توردىن ئورۇن تاللاشقا بولىدۇ

قوشنا ئورۇننى تاللاش تەمىنلىنىدۇ

2017.10.12 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈر يول خېرىدار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 12306 نومۇرلۇق تور پونكىتى 12- چېسلا بىر پارچە «پويىز ئۇلاپ ئالمىشىش ۋە ئورۇن تاللاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش»نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر «چۈشەندۈرۈش»تە مۇنداق دېيىلگەن: 12306 نومۇرلۇق تور پونكىتى ئارقىلىق C، D، G ھەرپلىرى باش ھەرپ قىلىنغان دىنامىكىلىق پويىز گۇرۇپپىسىدىكى پويىزلارنىڭ ئورنىنى تاللاشقا بولىدۇ، لېكىن بۇ ئىقتىدار كىشىلەرنى پەقەت قوشنا ئورۇننى تاللاش بىلەنلا تەمىنلەيدۇ. ئەگەر قالدۇق بېلەتلەر ئۇ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالسا، ياكى ئورۇن مۇناسىۋىتىنى تاللىماي تۇرۇپلا بىۋاسىتە ھالدا «جەزملەشتۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى چەكسە، سىستېما كىشىلەرگە ئاپتوماتىك ھالدا ئورۇن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

  بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تۆمۈر يول يولۇچىلار بېلىتى سىستېمىسى توردا بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ «ئورۇن تاللاش ئىقتىدارى» خەينەن ئايلانما ئارال يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇنىڭدا، يولۇچىلار «A، B، C، D، F»دىن ئىبارەت بەش ئورۇننى ئۆزى تاللىيالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە،A ، Fدېرىزىگە يېقىن، C، D كارىدورغا يېقىن ئورۇنلار. بىراق، مەزكۇر سىستېمىنىڭ قوللىنىلىشىدا ئەسكەرتىلىشىچە، كىشىلەر ئورۇن تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ناۋادا سىستېمىدا بېلەت يېتىشمەسلىك كۆرۈلسە، مەزكۇر سىستېما يولۇچىلارغا ئىختىيارىي ھالدا ئورۇن ئىلتىماس قىلىپ بېرىدىكەن.

  ئۇندىن باشقا، 12306 نومۇرلۇق تور پونكىتى بۇ قېتىم يەنە پويىز ئۇلاپ ئالمىشىش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، يەنى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پويىز بېلىتى يوق بولۇپ قالسا، يولۇچىلار مەزكۇر سىستېمىنىڭ پويىز ئۇلاپ ئالمىشىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، سەپەر جەريانىدا بىر قېتىم ئالمىشىدىغان بىر قىسىم پويىز بېلىتىنىڭ قالدۇق ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر