باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق ئەدلىيە ئاپپاراتى كۇرد رايونىدا ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللىگۈچىلەرنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى

2017.10.12 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ئەدلىيە ئاپپاراتى 11- ئۆكتەبىر، كۇرد ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى تەشكىللىگۈچىلەرگە قارىتا قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

  ئىراق ئالىي ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇللا ساتتار بىر باياناتىدا: باغداتتىكى بىر سوت كوللېگىيەسى مۇستەقىللىقنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى تەشكىللىگەن كۇردلار رايونى سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئەزالىرىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى، دېدى.

  بۇ سوت ئىراق زۇڭلىسى ئابادى رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چىقاردى. ئىراق ھۆكۈمىتى ئىزچىل كۇردلار رايونى مۇستەقىللىقىنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە كۇردلار رايونىغا قارىتا كۆپ تۈرلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللانغان ئىدى.

  ئابادى 10-ئۆكتەبىر، كۇرد رايونى مۇستەقىللىقىنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشقا قارشى تۇرۇش مەيدانىنى تەكىتلەپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كۇردلار رايونى بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىگە قول قوشتۇرۇپ چەتتە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق سۆھبەتنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىراق فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، كۇردلار رايونىنىڭ مۇستەقىللىقنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، كۇردلار رايونىدىكى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش يەنىلا پىلان بويىچە 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە تەخمىنەن %93لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن ماقۇللاندى.

  ئۇزاقتىن بېرى، كۇردلار رايونى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ، ئىككى تەرەپ كۆپلىگەن ئۆلكىلەردىكى يەر تەۋەلىك مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ نېفىت زاپىسى مول بولغان كىركۇك ئۆلكىسىدە ئىختىلاپ كۆرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر