باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلارنىڭ يۈكى يېنىكلەپ، ئىش بېجىرىشى ئاسانلىشىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشتى

سودا مۇھىتى ياخشى بولغاندىلا، بايلىق ۋە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ

2017.10.12 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ياخشىلانسا، بايلىق شۇنىڭدەك ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. ياخشى بولغان سودا مۇھىتىنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىش بېجىرىشتىكى مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرىنى چۆرىدەپ، جايلار، تارماقلار «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان «2017-يىللىق دۇنيا سودا مۇھىتى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتى قولايلىق دەرىجىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 78-ئورۇنغا ئۆتۈپ، 18 ئورۇن ئالدىغا ئاتلىغان.

  ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە فوند تۇتۇپ قېلىش كېمەيتىلدى

  «مۇھىت يارىتىش»، يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى. يۈك يېنىكلىسە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  «جۇڭيۈەن» سۇ تىرانسپورتى گۇاڭجۇدا 200 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۈك كۆتۈرەلەيدىغان 100 نەچچە ئالاھىدە توشۇغۇچى پاراخوت ئەتىرىتىنى باشقۇرىدۇ، كۆلىمى ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. دۆلەت 2015-يىلى كېمە-پاراخوتلارنىڭ پورت ھەققى، ئالاھىدە كېمە-پاراخوت ۋە سۇ ئۈستى، سۇ ئاستى قۇرۇلۇشى بويىچە قاتناشنى قوغداش ھەققى قاتارلىق مەركەز تەسىس قىلغان يەتتە تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقنى كېمەيتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كېمە-پاراخوتلارنىڭ پورت ھەققىلا «جۇڭيۈەن» سۇ تىرانسپورتىغا 7 مىليون يۈەن تېجەپ بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە فوند تۇتۇپ قېلىشنى كېمەيتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى كېمەيتىپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

  2016-يىلى، تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق چىقىمى 56 مىليارد 500 مىليون يۈەن كېمەيدى؛ 2017-يىلى شەھەرلەردىكى جامائەت ئىشلىرى قوشۇمچە خىراجىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخى 35 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىتىلدى؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى، تېلېگراف تور نومۇرىنىڭ بايلىقىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش ھەققى قاتارلىق مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ 4 مىليارد يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى...

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى شۈ گۇاڭجيەن مۇنداق دېدى: كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىشنىڭ تۈرلىرى كۆپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ۋە كەسىپ خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش، شۇنداقلا مەمۇرىي تەستىقلاش ئالدىنقى مۇلازىمەت ھەققى ياكى تىجارەتلىك مۇلازىمەت ھەققى بار. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند، ھەق ئېلىش تۈرلىرى زور دەرىجىدە كېمەيتىلىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ مالىيە يۈكىنى روشەن يېنىكلىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر