باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

جۇڭگو تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلاپ چىقاردى

2017.10.12 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ 11-ئۆكتەبىر دەلىللىشىچە، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «فېچچا» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرىپ، ئاتالمىش «قاتناش ئەركىنلىكى ھەرىكىتى» ئېلىپ بارغان، جۇڭگو تەرەپ دەرھال ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، قانۇن بويىچە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرگەن ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلاپ چىقارغان.

  خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىشا تاقىم ئاراللىرى ئەلمىساقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ زېمىنى. 1996-يىلى 5-ئايدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ۋە چېگراداش رايونلىرى قانۇنى»غا ئاساسەن، شىشا تاقىم ئاراللىرى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئاساسىي سىزىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەرىكىتى جۇڭگو قانۇنى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ئامېرىكا تەرەپكە كەسكىن ئارىلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى داۋاملىق قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، بۇنداق خاتا ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر