باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى تۇرالغۇ مەھەللىلىرىدە يەسلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سېلىش قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش چارىسىنى يولغا قويدى

2017.10.12 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ مەھەللىلىرىدە يەسلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سېلىش قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش چارىسىنى»نى ئېلان قىلىپ، ئېنىق تۇرۇشلۇق ئائىلە سانى 1000دىن، نوپۇس سانى 3000دىن ئاشىدىغان ئولتۇراق مەھەللىلىرىدە يەسلى قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى بويىچە يەسلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سېلىش لازىملىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئولتۇراق مەھەللىلەردە يەسلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ سېلىش __ تاۋار ئۆي تۇرالغۇ ئولتۇراق رايونىنى ئېچىش، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن سېلىنغان كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مەركەزلەشتۈرۈپ سېلىنىدىغان ئۆي قاتارلىق تۇرالغۇ ئۆي تۈرلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ سېلىنىدىغان يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يەسلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن يەسلىلەر پۈتكەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن يەسلىلەرنى ھەقسىز ھالدا تۈر قۇرۇلۇشى تەۋە رايونلۇق (ناھىيەلىك) مائارىپ ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، رايونلۇق (ناھىيەلىك) مائارىپ ئىدارىسى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەسلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

  ئولتۇراق مەھەللە رايونى تۈر قۇرۇلۇشى جەريانىدا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، قۇرۇلۇش، دۆلەت زېمىن بايلىقى، ئۆي-زېمىن، مائارىپ قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە يۈرۈشلۈك يەسلىلەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق مەھەللە بىلەن ماس قەدەمدە پىلانلىنىشىغا، ماس قەدەمدە قۇرۇلۇش قىلىنىشىغا، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىشىگە ۋە ماس قەدەمدە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر