باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا «مېڭە سەكتىسى قۇتقۇزۇش خەرىتىسى» ئېلان قىلىندى

2017.10.30 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىللىق دۇنيا سەكتىسى كۈنى ۋە يەتتىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سەكتە تەشۋىقات ھەپتىلىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ باشلاش مۇراسىمى 29- چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرى مېڭە سەكتىسى سۈپىتىنى كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ رايونىدىكى «مېڭە سەكتىسى قۇتقۇزۇش خەرىتىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بولسا، جىددىي خاراكتېرلىك سەكتە بىمارلىرىنى تېز سۈرەتتە ئەڭ مۇۋاپىق بولغان داۋالاش ئورگىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى قۇتقۇزىۋېلىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتۇر.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مېڭە سەكتىسى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش خەرىتىسى مېڭە سەكتىسى نوكچىسىنى ئېرىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە 69 دوختۇرخانا، سۈپەت كونترول مەركىزىدىن ئىبارەت بىر ئورۇن، 120 ۋە 999 جىددىي قۇتقۇزۇش تورى قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، ئۇ، پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان مېڭە سەكتىسى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش قۇتقۇزۇش تورى بولۇپ شەكىللەندى، ئەمدى ئۇ، مېڭە سەكتىسىنى «جايىدا ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا قۇتقۇزىۋېلىش» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. بېيجىڭ رايونىدىكى مېڭە سەكتىسى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى قولايلىق سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

  مېڭە سەكتىسى بىمارلىرىنى قۇتقۇزىۋېلىش ۋە ئۇلارنى داۋالاشقا قاتتىق ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ، قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بولسا، كېسەل بولغان تۆت يېرىم سائەت ئىچىدە، يەنى «ئالتۇن بىر سائەت» ئىچىدە نوكچىنى ئېرىتىپ داۋالاش تولىمۇ مۇھىم .

  بېيجىڭ شەھەرلىك نېرۋا كىسەللىكى ئىچكى بۆلۈمى مەخسۇس بۆلۈمىدىكى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىمۇ تەڭلا ئۆتكۈزۈلدى، پايتەخت تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۈەنۋۇ دوختۇرخانىسى يادرولۇقىدىكى بېيجىڭ شەھەرلىك نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمى مەخسۇس بۆلۈمىنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسىمۇ قۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر