باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەسئۇت بوۋاينىڭ خۇشاللىقى

2017.10.24 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى، توقسۇن ناھىيەسى غولبويى يېزىسى يۇقارقى قارائاش كەنت ئەزاسى مەسئۇت ھەمدۇل ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كىمنى كۆرسە ئۆزىنىڭ بىر ياخشى ئىشقا يولۇققانلىقىنى ئېيتىپ يۈردى.

  __ «مەن بۇيىل 80 ياشقا كىردىم، پارتىيەنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرەلىدىم، بۇ خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟»- مەسئۇت بوۋاي ئىشىك ئالدىدىكى ئېسىقلىق تۇرغان قىزىل بايراقنى كۆرسەتكەن ھالدا شۇنداق دېدى.

  مەسئۇت بوۋاي كەنتتىكى پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيە ئەزالىق ئىستاژى 60 يىلغا يېقىنلاشتى. ئۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەتراپىدا بولۇۋاتقان بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆردى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان كۈنى، مەسئۇت بوۋاي تېلېۋىزىيە بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنى كۆردى. چۈشتىن كېيىن يەنە ئاتايىتەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مىللىيچە تىلدا ئۇلاپ كۆرسىتىشىنى كۆردى.

  __ «باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن تېخىمۇ ھېس قىلدىمكى، بۇ ئۆمرۈمدە پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغىنىم توغرا بوپتۇ!»- مەسئۇت بوۋاي ھويلىسىدىكى ئىككى كورپۇس يېڭى ئۆيىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: « سېرىق رەڭدىكى ئەمىن ئۆينى ئوزا يىلى سالغان، يېنىدىكى كۈلرەڭ ئۆي سېلىنىپ پۈتكىلى تېخى ئىككى كۈن بولدى. پارتىيە بولمىغان بولسا، مەن بۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرالمىغان بولاتتىم. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىممۇ ماڭا خۇشاللىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.»

  مەسئۇت بوۋاي ئائىلىسىنىڭ ئىزچىل بىر ئەمىن ئۆي سالغۇسى بار ئىدى، بىراق، ئالدىنقى ئىككى يىلدا كېسەل بولۇپ قېلىش تۈپەيلى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولدى، شۇڭا مەسئۇت بوۋاي ئەمىن ئۆي خىراجىتىنىڭ شەخس چىقىرىدىغان قىسمىنى چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى. مەسئۇت بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ يۇقارقى قارائاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، 15 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، بوۋاينىڭ يېڭى ئۆي سېلىۋىلىشىغا ياردەم قىلدى.

  بۇ يىل 9-ئايدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىئانە توپلاش ئارقىلىق، بوۋايغا يەنە يېڭى بىر ئېغىز ئۆي سېلىپ بېرىپ، مەسئۇت بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان ئوغلىنىڭ ئۆي قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن ۋاقىتتا، مەسئۇت بوۋاي پارتىيەگە مىننەتدار بولغىنىدىن كۆز يېشى قىلدى.

  مەسئۇت بوۋاي مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسىرى ياخشى بولماقتا، بولۇپمۇ بۇ نەچچە يىلدىن بېرى، بالىلارنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز، كېسەل كۆرسەتسەك داۋالاش سۇغۇرتىسى بار، ئۆي سالساق تولۇقلىما پۇل بار... بۇ ھەممىسى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە بولدى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر