خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى بىر نەپەر ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇرتۇمنىڭ قىياپىتى ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.مۇۋەققەت ھاكىم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:
15 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى دېگەندەك خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، تۇرار جاي ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىمىز دېگەنلەردىن تارتىپ، تاكى مائارىپ، داۋالاش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگىچە بولغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى، بىزگە ھەر ۋاقىت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.
ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇخبىرغا مۇنۇلارنى دېدى: خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى ئىللىقلىقنى ھېس قىلدى. شۇ جايدىكى ئامما دائىم مۇنداق دەيدۇ: پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك.
ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز پارتىيە بىلەن ئامما ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى بېيىشقا ۋە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەختلىك ۋە گۈزەل تۇرمۇشنى كۆرۈپ يېتىپ، «بېيىش»تىن «كۈچىيىش»كە قاراپ ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى