باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋۇ دۇڭيى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ تېلېگرامما قايتۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى

2017.10.26 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- چېسلا جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋۇ دۇڭيى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە «92- يىل ئورتاق قارىشى» ئاساسىدا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىكى جىددىي قارشىلىشىشتەك ھالەتتىن ئۆزگىرىپ، ھازىرقىدەك تىنچ تەرەققىي قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان. كەلگۈسىدە، ئىككى پارتىيەنىڭ يەنە داۋاملىق تۈردە «92- يىل ئورتاق قارىشى»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى قايتا يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ ۋۇ دۇڭيىغا جاۋاب خەت ئەۋەتىپ رەھمەت ئېيتتى. جاۋاب خەتتە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2005- يىلدىن بۇيان، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە «92- يىل ئورتاق قارىشى»دا چىڭ تۇرۇش ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق سىياسىي ئاساستا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ كەلدى، ھەمدە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا نەپ يەتكۈزدى. ئىككى پارتىيە ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ھازىرقى سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى قوغداش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  خەلقپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ ۋە يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسى يۈ مۇمىڭ قاتارلىقلارمۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر