باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى 19-قۇرۇلتايغا باھا بەردى

2017.10.24 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن: شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتى ۋە دوكلاتنى چۆرىدىگەن ئاساستا قىلىنغان مۇھاكىمىلەر جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قوزغاتقۇچىسى.

  ئالبانىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى باسا: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قاتارلىق ئۇلۇغۋار نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇل سالدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ زىچ باغلايدۇ.

  بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسەن سۇكى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دانا ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى رېيدى: خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىغا ئاكتىپ باھا بەردى، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىملىق يىغىندا بەلگىلەنگەن سىياسەتلەر دۇنيا تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كرودىيە دېموكراتىك ئورتاق گەۋدىسىنىڭ باش شۇجىسى، پارلامېنت باشلىقى ياندروكىۋىچ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى كۆتۈرۈشىدە پايدىلىق، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارالىق تەرتىپ قۇرۇشقا نىسبەتەن پايدىسى بار.

  يېڭى زېلاندىيە لېبورستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خاۋورس: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر، ئۇ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى تەرەققىيات يولى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىقتىسادتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىغا پايدىلىق.

  پاناما دېموكراتىك ئىسلاھات پارتىيەسى باش شۇجىسى روسې: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، خەلقئارا سىياسىي مۇناسىۋەت، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، خەلقئارا سودا ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا قۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  سومالى زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى خىدان ئابدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى كۆرسەتتى. جۇڭگونىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈملۈكلىكى ئىسپاتلاندى، بۇنىڭدىن جۇڭگو خەلقى مەنپەئەتلىنىپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيامۇ نەپكە ئېرىشىدۇ.

  سلوۋېنىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى تۇرىك: خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللاش ۋە ب د ت نىڭ نوپۇزىنى قوغداش قاتارلىق تەدبىرلىرىدىن نۇرغۇن مەنپەئەتكە ئېرىشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.

  پولشانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كۋاشنىفېسكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، يەنى جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ باغلىنىشلىق، شۇ سەۋەپلىك دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

  گرېتسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خەلقئارا رەئىسى، گرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پاپاندىرىئو: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى تارقاتقان ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش توغرىسىدىكى كۈچلۈك سىگنالى جۇڭگونىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان، ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىدىغان كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بۇ، جۇڭگوغا، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارىن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەلگۈسىدىكى بەش يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا پايدا كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ھەر قايسى ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، مانا بۇ جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم رولى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر