باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنىنى تېز قوزغاش كېرەك

2017.10.30 15:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سېپىدىكىلەر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ھالقىلىق مەزگىلدە چاقىرىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە دەۋر بۆلگۈچ ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلانغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، كاتتا دوكلات بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى، يېڭى سەپەرنى باشلىشى، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ۋارىسى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قوشۇلغان تارىخىي تۆھپە، دەپ بېكىتىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سېپىدىكىلەر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا تېز يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى قۇرۇلتاي روھىنى ئەينەن، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سېپىدىكىلەر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، مەكتەپلەرنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر