باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى يۈك تىرانسپورت سىناق قاتنىشىنى رەسمىي باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2017.11.01 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى يۈك تىرانسپورت سىناق قاتنىشىنى رەسمىي باشلاش مۇراسىمى تۈنۈگۈن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى چېڭ پىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سودا مىنىستىرى غەنىيېف، قىرغىزىستاننىڭ قاتناش تاشيول مىنىستىرى كېرىلوف مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  چېڭ پىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان چېگرىداش، مەدەنىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، دوست قوشنىلار ۋە مۇھىم شېرىكلەر. جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى يۈك تىرانسپورت سىنىقىنىڭ باشلىنىشى-ھەم ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ تىرانسپورت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى كونكرېت ھەرىكىتى، شۇنداقلا ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، رايون ئىقتىساد تەرەققىيات يېڭى قېلىپى بەرپا قىلىشىدىكى مۇھىم تەدبىرى.

  جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى يۈك تىرانسپورت لىنىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت، بۇ يول قىرغىزىستاننىڭ ئوشتىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا قەشقەردە توختايدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 900 كىلومېتىر كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر