باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئىراندا زىيارەتتە بولدى

ئوتتۇرا شەرق شاھمات تاختىسى قايتا تىزىلىشى مۇمكىن

2017.11.02 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسيە زۇڭتۇڭى ۋلادىمىر پۇتىن 1- نويابىر ئىراندا زىيارەتتە بولدى، زىيارىتىدە ئۇ ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى، بۈيۈك ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانەيى ۋە زوڭتۇڭ ھەسەن روھانى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، ئىران يادرو مەسىلىسى كېلىشىمى، سۇرىيە ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇتىن يەنە روھانى ۋە ئىرانغا زىيارەتكە كەلگەن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ.

  تەھلىلچىلەر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىران يادرو كېلىشىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئېھتىماللىقى بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقان ئەھۋالدا، پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىران بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئىران بۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيەگە ماسلىشىپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقى جەھەتتە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، «مۇھىم كۈچ» بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر