باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېدۋېدېۋ: ھازىر، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن بىر تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى تەستىقلىنىۋاتىدۇ

2017.11.01 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى مېدېۋېدېۋ خەلق گېزىتى خەلق تورىنىڭ 1- نومۇرلۇق ئاڭلىتىش زالىدا زىيارەتتە بولدى. «جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئاساسىنى پۇختىلاش» دېگەن تېمىدا جۇڭگودىكى تورداشلار بىلەن توردا پاراڭلاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بېرىش- كېلىشى كۆپەيدى، نەتىجىدە، جۇڭگو ئۇدا بىر نەچچە يىلغىچە رۇسىيەنىڭ چەتئەللىك ساياھەتچىلەر مەنبەسىدە ئەڭ چوڭ دۆلەت ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. سۆھبەت داۋامىدا، بەزى تورداشلار مېدېۋېدېۋگە جۇڭگودىن رۇسىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشنىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ياكى ئاددىيلاشتۇرماسلىق توغرىسىدىكى سوئالىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مېدېۋېدېۋ مۇنداق جاۋاب بەردى: جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ رۇسىيەنى ساياھەت قىلىش مىقدارى تېز كۆپەيمەكتە، رۇسىيەدىكى بىر قىسىم مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىلەردە، جۇڭگودىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى تەخمىنەن بىر مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر رۇسىيەنى ساياھەت قىلدى. بىز ئىگىلىگەن يېقىنقى ئەھۋالاردىن قارىغاندا، بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا بۇ سان %20 ئەتراپىدا ئاشقان.

  مېدېۋېدېۋ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، رۇسىيەدە ۋىزا ئارقىلىق ئېتىبار بېرىشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەر ماقۇللاندى. مەسىلەن: يىراق شەرقتىكى ۋىلادىۋوستوك ئارقىلىق رۇسىيە تەۋەسىگە كىرسە، ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا بېجىرسە بولىدۇ، ۋىزا رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى دېگەندەك ئىشلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.

  مېدېۋېدېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە قارىتا تۈزگەن بىر تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويىدۇ، مەسىلەن: جۇڭگو پۇقرالىرى ئەگەر رۇسىيەنى كوللېكتىپ ھالدا ساياھەت قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا ۋىزىسى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپەيتىلىپ، ھازىرقىدەك «بەش ئادەمدىن ئارتۇق» بولۇش كېرەك دەيدىغان چەكلىمە قويۇۋېتىلىپ، «ئۈچ ئادەمدىن ئارتۇق» بولۇشقا ئۆزگەرتىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇش ۋاقتىمۇ ئۈچ ھەپتىگە ئۇزارتىلىدۇ. مېدۋېدېۋ مۇنداق دېدى: بۇ خىل ھۆججەتنى ھازىر رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەستىقلاۋاتىدۇ، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر