باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ دۇنيا يانار گاز يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

2017.11.01 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ يانار گاز گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يانار گاز بىرلەشمىسى ( IGU )نىڭ رەئىسىنى سايلاش رىقابىتىدە، جۇڭگوغا ۋاكالىتەن سايلامغا قاتناشقان بېيجىڭ يانار گاز گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى يالەن خانىم 2021- يىلدىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رەئىسلىككە سايلاندى، بېيجىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 2024- يىللىق 29- نۆۋەتلىك دۇنيا يانار گاز يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشتى.

  IGU بولسا، دۇنيا يانار گاز ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇ پايدا ئالمايدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ئۇ، 92 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 164 ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە كارخانىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، يەر شارى بويىچە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ۋە ئىستېمال بازىرىنىڭ %97گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر