باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تايلاند گۇمپىسى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى

2017.11.01 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، «دۇنيا گۇمپا، مۇشتلىشىش-جۇڭگو تايلاند گۇمپىسى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى» باشلىنىش مۇراسىمى گۇمپا يۇرتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقە جۇڭگودىكى تۇنجى قېتىملىق قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت كوماندىسى ماھىرلىرى بولغان خەلقئارالىق ئا دەرىجىلىك مۇشتلىشىش مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ، بىرلەشمە مۇسابىقە جەمئىي 40 مەيدان بولۇپ، توققۇز ئاي داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقە 12-ئايدا رەسمىي باشلىنىش پىلان قىلىندى. جۇڭگو دۆلەتلىك تايلاند گۇمپىسى كوماندىسى، جۇڭگو دۆلەتلىك ئەركىن مۇشتلىشىش كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى، ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق ماھىرلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى چامباشچىلىق ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو چامباشچىلىق جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چامباشچىلىق جەمئىيىتى، فوشەن شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر